خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، يېڭى جۇڭگونىڭ بوران- چاپقۇنلارنى تەڭ باشتىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ مۇساپىسىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىكتە 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم «ماڭماقتىمىز داغدام يولدا»نى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى، بۇ فىلىم 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ فىلىمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، 70 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، «سىياسىي نەزەرىيە ھېسسىياتى، ھېكايە ئىپادىلەش» ئۇسلۇبىدا ۋەتەننى مەدھىيەلەش، دەۋرنى مەدھىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلدى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ۋە مۇھىم ۋەقەلەر چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ يازغان سەلتەنەتلىك داستانى پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىشىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەردۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ