رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى گۇ شېڭزۇ مۇگابېنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى
2019.09.16 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ شېڭزۇ خارارېدا ئۆتكۈزۈلگەن زىمبابۋېنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇگابېنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. گۇ شېڭزۇ رەئىس شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ نامىدا مۇگابې ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مىنانگاگۋا ۋە زىمبابۋې خەلقى ھەمدە مۇگابې ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ