مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جوڭچيۇ بايرىمىدا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغانلار 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2019.09.16 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  ◆ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مول بولدى

  ◆ قاتناش ھەرىكىتى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جوڭچيۇ بايرىمىلىق ئارام مەزگىلىدە، جايلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولدى، ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق بولدى، ساياھەت بازارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ساياھىتى ئومۇمىي ئادەم سانى 105 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان؛ ئىچكى ساياھەت كىرىمى 47 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. قاتناش تىرانسپورتى مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە تۆمۈريول، تاشيولدا توشۇلغان يولۇچى تەخمىنەن 149 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا داۋاملىق ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. جوڭچيۇ بايرىمىلىق «كېچىلىك ئىقتىساد» ئەنئەنە بىلەن مودىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن جايلار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بىلەن شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئامىللىرىنى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق نامايان قىلىپ، شەھەر مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ