جۇڭگو بىرلەشمە كۆرگەزمە سۇپىسى - 2019- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئالماشتۇرۇش يىغىنى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.09.16 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 14- كۈنى گوللاندىيەنىڭ ئامۇستېردامدا يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار نەق مەيداندا مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشتى. جۇڭگو بىرلەشمە كۆرگەزمە سۇپىسى - 2019 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 14- چېسلا گوللاندىيەنىڭ ئامۇستېردام شەھىرىدە 2019- يىللىق خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئالاقىسى» باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، باش تېما بويىچە نۇتۇق سۆزلەش، سۆھبەتلىشىش، مۇزاكىرە قىلىش، سودا سۆھبىتى قاتارلىق مول شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارغا 5G تېخنىكىسى، ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە، بۇلۇت ھېسابلاش،VR قاتارلىق جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولدى، جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ