مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام–تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.16 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1955- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاي- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. 1965- يىلىغا كەلگەندە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا قۇرۇلغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى قوشقاندا، دۆلىتىمىزدە جەمئىي بەش مىللىي ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى.

  بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت رامكىسى ئىچىدە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېڭى جۇڭگونىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پروگراممىسى»نى تەييارلىغاندا، ئېلىمىزدىكى خەنزۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر «چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»تەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزدە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  «ئورتاق پروگرامما»دا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك باراۋەر، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش . . . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىشىدىغان چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش، مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ۋە رايونلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ، تۈرلۈك مىللىي ئاپتونومىيىلىك ئورگانلارنى ئايرىم-ئايرىم قۇرۇش كېرەك. 1952- يىلى 2- ئايدا مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى»نى ماقۇللاپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە مەمۇرىي ئورنى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.

  مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش مىللىي سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىي ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوۋ ئوۋلايدىغان ئېلۈنچۈنلەر ئۈچۈن ئولتۇراقلىشىدىغان جاي قۇرۇلۇپ، ئۇلار يېڭى ئۆيلەرگە خۇشاللىق بىلەن كۆچۈپ كىردى. كونا ئورماندا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، ھايۋان تېرىسى بىلەن بەدىنىنى توسۇۋېلىپ، ياۋا مېۋىلەرنى يەپ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن جاپاكەش كۇچۇڭلار ئورمانلىقتىن چىقىپ ئولتۇراقلاشتى.

  ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى 1950- يىلى 11- ئايدا «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىناق لايىھىسى» ۋە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش سىناق لايىھىسى»نى ماقۇللىدى. 1951- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى رەسمىي ئوقۇش باشلىدى، جايلاردىمۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز قەدەم قويدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە مىللىي مۇناسىۋەت شەكىللىنىشكە باشلىدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمدە مەدەنىيىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ