مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش تاماملاندى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام–تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.16 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1956- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى، بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تيەنئەنمېن مەيدانىدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش غەلبىسىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. يىغىنغا ماۋ زېدۇڭ ۋە مەركەزدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلار قاتناشقان ئىدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى باشلىقى پېڭ جېن يىغىندا پايتەختىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. جۇڭگو زېمىنىدا پانۇسلار ئېسىلىپ، داقا-دۇمباقلار چېلىنىپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقى تەبرىكلەندى.

  سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىنىڭ تاللىشى. 1953- يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئۆتكۈنچى دەۋردىكى باش لۇشيەننى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. باش لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى. يېزا ئىگىلىكى ئادەتتە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى، دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە ئالىي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپىدىن ئىبارەت بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى؛ قول سانائەت ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى، قول سانائەت تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قاتارلىق بىرقانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى؛ كاپىتالىستىك سودا-سانائەتكە نىسبەتەن، تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت كاپىتالىزمى شەكلىدىن (يەنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ھۆددىگە ئېلىپ سېتىش، كاسىنىغا بېرىش، مال زاكاز قىلىشتىن) يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت كاپىتالىزمى شەكلىگە (يەنى ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە) تەرەققىي قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى.

  سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش جەريانىدا ۋە تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «تۆت ئاتقا ئوغۇت تەقسىم قىلىش» ۋە مۇقىم ئۆسۈم بېرىش ئۇسۇلىنى تىنچ يول بىلەن سېتىۋېلىش بەدىلى قىلىپ، خۇسۇسىي سودا-سانائەتچىلەرگە 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل بېرىلدى، بېرىلگەن ئۇ پۇللار ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  1956- يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كوپىراتىپقا قاتناشقان دېھقان ئائىلىلىرى مەملىكەت بويىچە دېھقان ئائىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %96.3ىگە يەتتى؛ كوپىراتىپقا قاتناشقان قول سانائەت خادىملىرى بارلىق قول سانائەت خادىملىرىنىڭ %91.7ىنى ئىگىلىدى؛ مەملىكەت بويىچە خۇسۇسىي سانائەت ئائىلىلىرى سانىنىڭ %99ى ۋە خۇسۇسىي سودا ئائىلىلىرى سانىنىڭ %82.2ى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىك يولى ياكى كوپىراتىپ يولىغا سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، قول سانائىتى ۋە كاپىتالىستىك سودا-سانائەت جەھەتتە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن يېڭى ئىقتىسادىي بازىسنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتىغا تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بەردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ