مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇننى مۇجەسسەملەپ، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

خەلق تورى مەزمۇن مۇجەسسەملەش، تارقىتىش كەسپى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

2019.09.12 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق تورى مەزمۇن مۇجەسسەملەش، تارقىتىش كەسپى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىش ھەمدە خەلق ئەقلىي ئىجادىيەت سۇپىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇراسىمى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىش خەلق تورى مەزمۇنى پەن -تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىستراتېگىيە ۋە سۇپا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تور مەزمۇنى ئېكولوگىيەسىگە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ» ئېلىپ كېلىپ، ئىجتىمائىي ئىجادىيەت كۈچلىرىنىڭ «بۇلاق سۈيىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  خەلق تورى مەزمۇن مۇجەسسەملەش، تارقىتىش كەسپى ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى توپلاش، خەتەرنى كونترول قىلىش، تۈرگە ئايرىش ۋە دەرىجىگە ئايرىش ئارقىلىق مەزمۇن كەسپىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسىدىن ئىستېمال كۆرۈنۈشىگىچە بولغان پۈتۈن ھالقىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئالدىنقى مەزگىلدە، بۇ سۇپا ئۆزىنىڭ ئەقلىي تاراتقۇلۇق توپلاپ تارقىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىجادىيەت، پۈتۈن تاراتقۇلار ئامبىرى ۋە سودا تىجارىتى قاتارلىق ئىقتىدار سىستېمىسىغا تايىنىپ، تۈرلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى نادىر مەزمۇنلارنى دەل جايىدا تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «خەلق ئەقلىي ئىجادىيەت سۇپىسى» ئىجادىيەتچىلەر ۋە ئىجادىيەت ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن دەرىجە ئىسپاتى، نەشر ھوقۇقى سودىسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، كېڭەيتىش تىجارىتى قاتارلىق بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئىجادىيەت كۈچلىرىنىڭ تىجارەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، تور بوشلۇقىدىكى ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ