خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (باج كومىتېتى ئېلانى [ 2019 ] 2-نومۇرلۇق)غا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى 11-سېنتەبىر تۇنجى تۈركۈمدە ئامېرىكىدىن باج قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ 1-قېتىملىق چىقىرىۋېتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە ئامېرىكىدىن باج قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلار، تۇنجى قېتىملىق باج قوشۇپ ئېلىشتا چىقىرىۋىتىلىدىغان بىر قىسىم تاۋارلار، 2019-يىل 9-ئاينىڭ 17 -كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، 1-تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن تاۋارلاردىن 2019-يىلى 9- ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2020-يىلى 9- ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ 301-تەدبىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ. قوشۇپ ئېلىنىپ بولغان تاموژنا بېجى پۇلىنى قايتۇرۇشتا، ئالاقىدار ئىمپورت كارخانىلىرى تىزىملىك ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشى كېرەك.
2-تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن تاۋارلاردىن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ 301-تەدبىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، قوشۇپ ئېلىنىپ بولغان تاموژنا بېجى قايتۇرۇلمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ