مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 8 – ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشتى، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.7 ئاشتى

2019.09.11 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلى 8 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلەشكەن؛ 8 - ئايدا CPIنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى سەل يۇقىرى بولغان. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان.

  8 - ئايدا، CPIنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %0.6، يېزىلارنىڭ %1.0 ئاشقان؛ يېمەكلىك باھاسى %3.2 ئاشقان، يېمەكلىكتىن باشقىلىرىنىڭ باھاسى %0.1 ئاشقان؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.1، مۇلازىمەت باھاسى %0.2 ئاشقان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچى شېن يۈننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېمەكلىك باھاسى CPIنىڭ تەخمىنەن 0.64 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن، يېمەكلىكتىن باشقىلىرى CPIنىڭ تەخمىنەن 0.07 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىكلەر ئىچىدە، چوشقا گۆشىنىڭ تەمىناتى قىسراق بولۇپ، باھاسى %23.1 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 15.3 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.62 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە ئىستېمال سەپلىمىسىنىڭ تەسىرىدە، تۇخۇم، كالا گۆشى، قوي گۆشى، توخۇ كۆشى ۋە ئۆردەك گۆشىنىڭ باھاسى %2 ـ %5.9 ئۆرلەپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. تەيفېڭ بورىنى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە، كۆكتاتنىڭ باھاسى %2.8 ئېشىپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.07 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىر مېۋە - چىۋىلەرنىڭ زور مىقداردا بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقتى بولغاچقا، مېۋە - چىۋىلەرنىڭ باھاسى %10.1 تۆۋەنلەپ، CPIنىڭ تەخمىنەن 0.22 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىكتىن باشقىلار ئىچىدە، ساياھەتتە مېھمانخانىدا تۇرۇش، ئايروپىلان بېلىتى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ھەق ئېلىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %1.6، %0.8 ۋە %0.3 ئاشقان؛ بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %1.1 ۋە %1.2 تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ