مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل مۇئامىلە بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمە چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2019.09.11 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى ئاپپارات (QFII) ۋە چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلىغا مەبلەغ سالغۇچى لاياقەتلىك ئاپپارات (RQFII) (بىرلەشتۈرۈلۈپ چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ) لارنىڭ مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىن، مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلىغان چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچى تىزىمغا ئالدۇرسىلا، ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قاتنىشىشى يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، جۇڭگو زايوم بازىرى ۋە پاي چېكى بازىرى خەلقئارا بازار تەرىپىدىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.

  2002-يىلى QFII تۈزۈمى، 2011-يىلى RQFII تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى 31 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى ئاپپارات مۇشۇ يول ئارقىلىق جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سالدى.

  كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم QFII ۋە RQFII مەبلەغ بەلگىلىمىسى چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېلىمىز ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا بولغان مەبلەغ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى بازارغا قاتنىشىشىنى يەنىمۇ قوللاپ، خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم كۆرسەتكۈچىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پاي چېكى ۋە زايوم بازىرىنىڭ ھوقۇق ئېغىرلىقىنى تەرتىپلىك ئۆستۈرۈشىنى ھەقىقىي قوللىغىلى بولىدۇ.

  تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىقتىسادچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەككە ھالدىكى چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سوممىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۆتىمەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ