مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

70 يىلدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرمۇش توك سەرپىياتى تەخمىنەن 700 ھەسسە ئاشتى

2019.09.11 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرمۇش توك سەرپىياتى 70 يىل بۇرۇنقىدىن تەخمىنەن 700 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تۇرمۇش توك سەرپىياتى بىر كىلوۋات سائەتكە يەتمەيتتى. ئۇ چاغدا چەكلىك ئېنېرگىيە ئاساسەن سانائەت ساھەسىگە ئىشلىتىلگەچكە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى، يېزىلاردا ئاساسەن توك يوق ئىدى، چوڭ شەھەرلەردە توك بىلەن تەمىنلەش بولسىمۇ، لېكىن يورۇتۇش ۋاقتى دائىم چەكلىمىگە ئۇچرايتتى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ 21-ئەسىردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاھالىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تۇرمۇش توك سەرپىياتى تەخمىنەن 695 كىلوۋات سائەت بولۇپ، توك ئىشلىتەلمەيدىغانلارنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولدى .

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ