مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز بۇ يىل يەنە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

2019.09.11 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ 2019- يىللىق 2- قېتىملىق خىزمىتىدىكى جەمئىيەتتىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىم جەمئىي 21 مىڭ 806 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەردىن نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەرلەر 8723 نەپەر، ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدىغان جەمئىيەت ياشلىرى 12 مىڭ 938 نەپەر، ئەسلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش قىسىملىرى كېلىشىمىنى بىكار قىلىپ نىشانلىق تەربىيەلەنگەن ۋە مەخسۇس قوبۇل قىلىنىدىغان كەنجى ئوفىتسېرلار 145 نەپەر ئىكەن. قوبۇل قىلىشتا توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 23 تىن 10- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 18 گىچە بولىدىكەن.

  9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن كېيىن، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش سۇپىسى (http://xfyzl.119.gov.cn)غا چىقىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى، قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ئەسكەر ۋە جەمئىيەت ياشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خادىملارغا قارىتا، تۈرگە ئايرىپ پىلان چۈشۈرۈش، تەشكىللەپ باھالاش، ھەمدە نەتىجىسى رەت تەرتىپى بويىچە ياخشىلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق. ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تۇرۇشلۇق 14 ئۆلكىدە، شۇ ئۆلكىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىش، بىر تۇتاش سىناش، بىر تۇتاش رەتكە تۇرغۇزۇش، بىر تۇتاش تەڭشەشنى يولغا قويىدۇ. لاياقەتلىك قوبۇل قىلىش ئوبيېكتىنى مەلۇم نىسبەتتە پەرقلىق سان بويىچە ئېلان قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تولۇقلاپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشتا چوقۇم يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش چارىسى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى سىناش ئۆلچىمىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ ياش بويىچە تىزىملىتىش شەرتى ۋە تەرتىپىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىياسەتتىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆلۈش-يارىلىنىش نەپىقە پۇلى بېرىش، جايلاشتۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئائىلە، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، تۇرالغۇسى، داۋالىنىش، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەخسۇس سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ