مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مۇنداق دىگەن

2019.09.10 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  ياخشى ئۇستازنىڭ سەمىمىي تەلىمى، شەپقىتى ئۇنتۇلغۇسىز بولىدۇ.

  قەدەمدىن بۈگۈنگىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاقى بولۇپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەكتەپلەرگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاپ، مائارىپ ئىسلاھاتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

  «بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى ئاساسىي كۈچ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ <ئارزۇ ئەترىتى>نىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلار». ئىلگىرىكى مېھرىبان ئۇستازىغا بولغان سېغىنىش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئۈمىد، غەمخورلۇق، شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى نامايان قىلدى. يەنە بىر يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ئەسلەپ باقايلى.

  ھۆرمەتلەش: تەلىم - تەربىيە بېرىش شاپائىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش1965 – يىلى ئالتۇن كۈزدە، 12 ياشلىق شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك 1 – ئاۋغۇست مەكتىپىدە تولۇقسىزدا ئوقۇيدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى چېن چيۇيىڭ دەرسخانىدا دائىم دۇ فۇنىڭ «خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان، خەلقچىللىققا تولغان، خەلقنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان» شېئىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېن چيۇيىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇ فۇ دېگەن بۇ چوڭ شائىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئوقۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

  ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، كۆپ ئويلىنىش، ئېغىر - بېسىق بولۇش مانا بۇ چېن چيۇيىڭنىڭ ئۆسمۈر شى جىنپىڭدا قالدۇرغان تەسىراتى ئىدى.

  مەكتەپ پۈتكۈزگىنىگە 50 يىل بولغان بولسىمۇ، ۋاقىت ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىق رىشتىنى ئۈزۈپ قويمىدى. شى جىنپىڭ سىرتتا خىزمەت قىلغان ۋاقىتلاردا، ھەر قېتىم بېيجىڭغا يىغىن ئېچىشقا بارغاندا، دائىم ۋاقىت چىقىرىپ دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى يوقلايدۇ. چېن چيۇيىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى نەشر قىلغان چۆچەكلەر توپلىمىنى شى جىنپىڭغا ھەدىيە قىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولۇۋاتقان شى جىنپىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا جاۋاب خەت قايتۇرىدۇ:«سوۋغا قىلغان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مۇئەللىمنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا توختىماي جاپالىق ئىشلەۋاتقىنىغا قايىلمەن.»

  «ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ شۈ تېلى بوۋايغا ئېيتقىنىغا ئوخشاش: سىز ئىلگىرى مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئىدىڭىز، ھازىرمۇ يەنىلا مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇمسىز، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم بولىسىز. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ شەپقىتىنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن».

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ