مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىچۈەن يولىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر (سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام – تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.10 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  1952 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، غەربىي جەنۇب ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى خې لۇڭ چېڭدۇ ۋوگزالى چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈر يولىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا قىزىل يىپەك لېنتىنى كېسىدۇ، بۇ «سىچۈەن يولىنى ياساش قىيىن بولۇش» تارىخىنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «سىچۈەن يولىنى ياساش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس». ئېلىمىز چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ سىچۈەندە تۆمۈريول ياساشنى پىلانلىغان، مىنگو دەۋرىدىمۇ بىرقانچە قېتىم پىلانلىغان، لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىچە سۆرۈلۈپ، سىچۈەن چۇڭچىڭدا بىر سۇڭمۇ رېلىس ياتقۇزۇلمىغان.

  1950 – يىلى، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ ئازاد بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەركەز چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولى ياساشنى قارار قىلىدۇ. شۇ يىلى 6 – ئايدا، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنى تۈگىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يول ياساش جېڭىگە ئاتلىنىدۇ. ئارقىدىن، تۆمۈريول بويىدىكى دېھقانلارمۇ بەس – بەستە يول ياساش چوڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ.

  چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلاشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىشپال يوق ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نەچچە ئون ناھىيە ياغاچ ماتېرىيالى تەقدىم قىلىش ھەرىكىتى قوزغايدۇ. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولىغا كېرەكلىك رېلىس ۋە زاپچاسلارنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەلۇم پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ياساپ چىقىدۇ.

  رېلىس مىخى، رېلىس ئاچىسى ۋە بەزى ماشىنىلارنى ياساشنى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى 400دىن ئارتۇق خۇسۇسىي پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئۈستىگە ئالىدۇ. 100 مىڭ كىشىلىك ئەمگەك قوشۇنىغا كېرەكلىك سايمانلارنى چۇڭچىڭدىكى ئالاقىدار زاۋۇتلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ھۆددىگە ئېلىپ ياسايدۇ. ئىلگىرى تۆمۈريولدا ئىشلىتىلىدىغان ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدىغان پارتلاتقۇچنى غەربىي جەنۇبتىكى زاۋۇتلار ئۆزلىرى ياسىيالايدىغان بولىدۇ. پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىنىڭ سايمانلىرى بىلەن تۆمۈريول ياساش، ئېلىمىزنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

  چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈر يولىنىڭ ياسىلىشى شۇ جاينىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىش توختىغان، ئىش يېرىم توختىغان نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىشسىز قالغان ئىشچىلار خىزمەت تاپتى، نامرات دېھقانلار ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تەقدىم قىلىپ سېتىش، يول ياساشقا قاتنىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن لىنىيە بويىدىكى خەلق ئۆزىنىڭ تۆمۈريولىنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان، يول ياسىغۇچى خەلق ئىشچىلىرى تۆمۈريول ئۈچۈن تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولدى. دېھقان ئىشلەمچىلەر: «پويىزنىڭ مەن ياسىغان يولدا ھادىسىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن!» دەپ شوئار توۋلاپ، يول بويىدىكى دېھقانلار يول ئاسراش ئەترىتى تەشكىللەپ، نۇرغۇن ئاياللار يېرىم كېچىدە لىنىيەنى چارلىدى.

  چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، يېڭى قاتناش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، شەھەر - يېزا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، سودا – سانائەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، غەربىي جەنۇبنىڭ سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ئېچىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ