«خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش: يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىقى ئىنسانىي ھوقۇق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» جەنۋەدە باشلاندى

2019.09.10 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە ۋەنگو سارىيىدا، كىشىلەر «خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش : يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىقى ئىنسانىي ھوقۇق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»نى كۆردى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش : يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىقى ئىنسانىي ھوقۇق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» 9- يانۋار جەنۋەدە باشلاندى. روسىيە، فىنلاندىيە، مىكسىكا، فىلىپپىن، زامبىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 40 نەچچە باش ئەلچى ۋە يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇخبىر ۋە ئالىملار قاتارلىق 300دىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ