11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-سېنتەبىر خېنەن جېڭجوۋدا داغدۇغىلىق باشلاندى

2019.09.10 10:21 مەنبە: خەلق تورى

  


  ( خەلق تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جېڭجۇدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىر يىڭخۇا، ماناپ) بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 كۈن داۋاملىشىدۇ، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەيۋەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 7009 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئوقيا ئېتىش، بويۇندا ئارقان تارتىش، يەككە بامبۇك قېيىقى قاتارلىق 17 تۈرلۈك مۇسابىقە تۈرى ۋە 194 ئويۇن قويۇش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە يەنە مىللىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ