(قىسقا خەۋەرلەر) مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى مىللەتلەر سالاپىتى

2019.09.09 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  ( خەلق تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جېڭجۇدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىر يىڭخۇا، ماناپ) 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى شەھەردە نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى جېڭجوۋدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  بۇ قېتىمقى مەشئەل يەتكۈزۈشتىكى 123 مەشئەل يەتكۈزگۈچى كىشى مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى مىللەتلەردىن كەلگەن 56 ۋەكىل ۋە خېنەن ئۆلكىسى، جېڭجۇ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن 67 مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر نۆۋەتلىشىپ يەتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق 56 مىللەتنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ