مۇخبىرىمىز لى خۇڭمېي
يۈرەككە تىرەك سېلىش، سۈنئىي بوغۇم، كۆز كېسەللىكلىرى سۈنئىي كرىستالى . . . بۇلار كىشىلەر كۆپ ئۇچرىتىدىغان يۇقىرى باھالىق داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى. يېقىندا، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ساختا يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈزەش ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرى باھالىق داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋېلىش قوللىنىلدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
يۇقىرى باھالىق داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى نۆۋەتتە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە تۈرگە ئايرىلمىدى، قانداق قىلغاندا مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋېلىپ، ساختا يۇقىرى باھادىكى سۇنى سىقىپ چىقارغىلى بولىدۇ؟ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەنخۇي، جياڭسۇ ئۆلكىلىرى ئالدى بىلەن بىر قىسىم يۇقىرى باھالىق داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىغا قارىتا مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋالدى، ئىككى ئۆلكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە تاللاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
كۆلىمى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۈنۈمى ناھايىتى روشەن
7 - ئايدا ئەنخۇي ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى سېتىۋېلىش بىرلەشمە گەۋدىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، سۆڭەك كېسەللىكلىرى (ئومۇرتقا) تۈرىدىكى، كۆز بۆلۈمى (سۈنئىي كرىستال) تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بىرلىشىپ مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋالدى. سېتىۋېلىش مىقدارى 2018-يىللىق ئىككى خىل خورىما ماتېرىيال سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ % 70، % 90ى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ 2018-يىلىدىكىنىڭ %80تىن تۆۋەن بولماسلىقى بەلگىلەنگەن.
سۆڭەك بۆلۈمى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تۈرىدىكى ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %53.4 تۆۋەنلىگەن، يەككە ماتېرىيالنىڭ ئەڭ زور تۆۋەنلەش نىسبىتى %95 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت مەھسۇلاتلىرى تۈرىنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %55.9 تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %40.5 تۆۋەنلىگەن؛ سۈنئىي كرىستال تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %20.5 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %18.1، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن % 20.9 تۆۋەنلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىككى خىل مەھسۇلاتنىڭ يىللىق تېجەلگەن مەبلىغى 370 مىليون يۈەن ۋە 29 مىليون يۈەن بولىدىكەن.
جياڭسۇدىكى 55 ئورۇن ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە سېتىۋېلىش ئىتتىپاقى بىر يىللىق ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %70ى بويىچە سېتىۋالغان، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ سېتىۋالغان تۈرلەر رېپامىتسىن ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندا تىرەك ۋە قوش كاۋاكلىق قوزغاتقۇچتىن ئىبارەت. تىرەكتە يەككە تۈر خىلى بويىچە سۆھبەتلەشكەن ۋە تاللانغان سورتلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھا تۆۋەنلەش نىسبىتى %51.01، ئەڭ يۇقىرى باھا تۆۋەنلەش نىسبىتى %66.07 بولغان؛ قوزغاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، تاللانغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات تۈرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھا تۆۋەنلەش نىسبىتى 15.86، ئەڭ يۇقىرى باھا تۆۋەنلەش نىسبىتى %38.13 بولغان.
باھانىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %15تىن %55كىچە بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %95 تۆۋەنلىدى. دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ دۇڭبو مۇنداق دېدى: ئىككى ئۆلكىنىڭ بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىپ مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋېلىش كۆلىمى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
مەنبە: خەلق تورى