مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2019.09.09 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 23تىن 8- چېسلا سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، تەخمىنەن 90 مىڭ ئادەم مانېۋىر ۋە نەق مەيداندا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر بولسا، تەبرىكلەش مۇراسىمى، پارات، ئاممىۋى نامايىش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، سەھنە ئالماشتۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر سائەت داۋاملاشقان پارات مانىۋېرىدا پارات ۋە پارات مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلدى. ئاممىۋى نامايىش مانېۋىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يىغىلىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر، خور ئۆمىكى بىلەن ماسلىشىش، پارات چاسا سېپى ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ ئالدى-كەينى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە باش تېما ئويۇنى ۋە مەركىزى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلدى، ئويۇن قويغۇچىلار مەيداننى پىششىق بىلىپ، پوجاڭزا ئېتىشنى تىزگىنلەش سىسېتمىسىنى نەق مەيداندا سىناق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ