مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1800دىن ئارتۇق دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 1600دىن ئارتۇق ئادەمگە چارە كۆرۈلدى

2019.09.09 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 8- چېسلا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە سىستېمىسى قوبۇل قىلغان دېلولاردىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچى ياكى ئىنكاس قىلغان مەسىلە 17 مىڭدىن ئارتۇق قېتىمغا، بىر تەرەپ قىلىنغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرىغا چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچى13 مىڭدىن ئارتۇققا، سۆھبەت ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرى 4500دىن ئارتۇققا، دېلۇ تۇرغۇزۇلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرى 1800دىن ئارتۇققا، بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم 1600دىن ئارتۇققا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر تەرەپ قىلىنغان نازارەت ۋە ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 40قا، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك كادىر 280دىن ئارتۇققا يەتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- خىل ھالەت 10 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %86.2نى ئىگىلىگەن؛ 2- خىل ھالەت 1400 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %11.2نى ئىگىلىگەن؛ 3- خىل ھالەت 200دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %1.8نى ئىگىلىگەن؛ 4- خىل ھالەت 100 نەچچە ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %0.8نى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ