مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە ئالدىنقى 8 ئايدا تاشقى سودىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %3.6كە يېتىشتەك مۇقىم ۋەزىيەت داۋاملاشتى

2019.09.09 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسى 8- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئېلىمىزدە مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 20 تىرىليون 130 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.

  تەخمىنەن 20 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ تەخسە ئىچىدە، ئېكسپورت مىقدارى 10 تىرىليون 950 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.1 ئاشقان؛ ئىمپورت مىقدارى 9 تىرىليون 180 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %0.8 ئاشتى؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى بىر تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %46 كېڭەيدى.

  8-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 720 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %0.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت قىلىنغىنى بىر تىرىليون 480 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %2.6 ئاشتى؛ ئىمپورت قىلىنغىنى بىر تىرىليون 240 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %2.6 ئازايدى؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 239 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، %41.8 كېڭەيدى.

  سودا تۈرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى 12 تىرىليون 30 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.4 ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %59.8ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغىنى 2 تىرىليون 310 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %9.9 ئېشىپ، %11.5نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 767 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14 ئاشتى؛ ئىمپورت مىقدارى بىر تىرىليون 550 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %8 ئاشتى.

  سودا ھەمراھلىرىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق بازارلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىدا ئېشىش ھالىتى ساقلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىي گەۋدىدىن يۇقىرى بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ