مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى يېزا ۋە چەت-ياقا رايونلارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

تاغلىق رايۇنلاردا «ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نى بەرپا قىلىش كېرەك (ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش. تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش)

2019.09.09 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەندە تاغ كۆپ بولۇپ، تاغلار ئېگىز، تاغ يوللىرى ئەگرى-بۈگرى. بىز تاغ يولىنى بويلاپ مېڭىپ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن، يەنە 20 نەچچە مىنۇت پىيادە مېڭىپ، ئاخىرى ئېگىز تاغدىكى پۈرۈلمە ئىچىگە جايلاشقان يۈننەن نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لۇشۈي ناھىيەسى ليۇكۇ بازىرى شۇاڭمىدى كەنتىگە كەلدۇق. ئېڭىشىپ قارىساق، گاۋلىگۇڭ تېغىدىكى تىك قىيالار تىك قەد كۆتۈرۈپ، دۇلۇڭجياڭ دەرياسىدا جىددىي ئېقىن تىك چۈشۈپتۇراتتى، لېكىن، مۇشۇنداق خەتەرلىك تاغ جىلغىسىدا «ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نى پەيدا قىلىشنى كىم ئويلاپ يېتەلەيدۇ.

  ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا تور رېمونتچىسى ئۆيگە كېلىپ سىگنالنى تەڭشىدى، ھازىر ئۇ يەردە ھەر كۈنى تور تېلېۋىزىيەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرى بوران چىقىپ يامغۇر ياغسىلا تېلېۋىزور كۆرگىلى بولمايتتى، ھازىر ھەممە ئائىلىلەردە ئوپتىك تالالىق تور تورى ئورنىتىلغاچقا، خەۋەر ئاڭلاپ، كىنو كۆرۈپ، تۇرمۇش گۈزەللەشتى. شۇاڭمىدى كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلە مى يۆجۇڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ پىششىق ھالدا مۇخبىرغا يېڭى تور تېلېۋىزىيەسىنى قانداق ئالماشتۇرۇشنى سۆزلەپ بەردى.

  مى يۆجۇڭنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغىنى شۇ بولدىكى، ئۇ بۇلتۇر ئۇ تور تېلېۋىزىيىسىدىن ئۆگەنگەن زىرائەت تېرىش بىلىملىرىگە تايىنىپ، بىر يىلدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيدا تور بار بولدى، كۈندە ئۆيدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا پروگراممىسىنى كۆرۈپ، ھازىر ئۆيدىكى 30 مو يەرنىڭ كۆپ قىسمىغا ياڭاق ۋە كاۋاۋىچىن دەرىخى تىكتى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ يىل پەقەت بىرىنچى قېتىملىقى، كېلەر يىلىنىڭ ھوسۇلى بۇ يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  شۇاڭمىدى كەنتىلا ئەمەس، بۇ ئىلگىرى يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستىنىڭمۇ ھەقىقىي تەسۋىرى. ئۇ جاينىڭ %98تىن كۆپرەكى ئېگىز تاغ جىلغىسى بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىر نامرات رايون ھېسابلىنىدۇ. تور «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نى رېمونت قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ياردەم قويۇش ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بايلىق مەنبەسىگە مايىل بولۇپ، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئالاقە تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىشىنى قوللىدى. 2014- يىلىدىن بۇيان، بۇ يەردە 4G تورى ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تورنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ، «ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېز پويىزى» بەرقا قىلىش باشلاندى، يىراقتىن ئوقۇتۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمى بارغانسېرى زورايدى.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، توردا نامراتلارنى يۆلەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو تېلېگرافى ئۆزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا 130 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنىڭ ئوپتىك تالا ۋە 4G قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق نۇقتىدا سىناق قىلىش، مەمۇرىي كەنت تورىنىڭ تاماملىنىشى ۋە تور سۈپىتىنى توردا نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ