مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش (سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام – تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.06 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  1950 – يىلى 6 – ئايدا، چاۋشيەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسى»نى توپلاپ قوراللىق ئارىلاشتى ھەم دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 7 - فىلوتىنى جۇڭگو تەيۋەن بوغۇزىغا بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى 38 – پاراللېلدىن ئۆتۈپ يالۇجياڭ دەرياسىغا قىستاپ كىردى ھەم ئايروپىلان ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىنى بومباردىمان قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، قايتا – قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق، 10 – ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى چىقاردى.

  1950– يىلى 10 – ئايدا، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى بۇيرۇققا بىنائەن چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى، 1951 – يىلى 6 – ئايدا، يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسى» بىلەن بەش قېتىم چوڭ جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ 230 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، ئۇرۇش سېپىنى 38 - پاراللېل ئەتراپىدىكى رايونلارغا مۇقىملاشتۇردى. بۇ ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنىدا سانسىزلىغان قەھرىمان شەخسلەر مەيدانغا كەلدى: لو شېڭجياۋ، خۇاڭ جىگۇاڭ، ياڭ گېنسى، چيۇ شاۋيۈن ... چاۋشيەن خەلقى ئۈچۈن، ئىنتېرناتسىيونالىزملىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن قەھرىمانلار، جۈملىدىن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭ ئوغلى ماۋ ئەنيىڭ چاۋشيەن زېمىنىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

  جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش داغدۇغىلىق ھەرىكىتى قوزغالدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى قاتلام خەلق بەس - بەستە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئايروپىلان، زەمبىرەكلەرنى تەقدىم قىلىپ، پىدائىيلار قوشۇنىدىن ھال سوراپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇشقا كۈچلۈك ياردەم بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ