جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «جياڭنەن» ___ پاختەكلى

2019.09.06 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا بىر دېھقان شال ئېتىزلىقى بويىدا قوي باقماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، يېزا سىرتىدىن ئىككى دەريا ئايلىنىپ ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، يېزىدا شال ئېتىزلىقى كەڭ تارقالغان، بۇ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق شال چىقىدىغان جاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي شال بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شال مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ياراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كەنت قىياپىتىنى تۈزەش، تېرىقچىلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كىرگۈزۈش، سەھرا مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ ۋە ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى بار «جياڭنەن سۇ ماكانى»نى بەرپا قىلدى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى «سۇ يېزىسى»نىڭ ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ