2019-يىللىق مەملىكەتلىك تور ئاممىۋى خىزمىتى تەييۈەن باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى

خەلق تورى مىنىستىرلىق، كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسىنى ئاچتى

2019.09.06 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق مەملىكەتلىك تور ئاممىۋى خىزمىتى تەييۈەن باشلىقلار يىغىنى ۋە خەلق تورى تور ئەھلى سۆز قالدۇرۇپ بېجىرىش خىزمىتى يىغىنى 5-سېنتەبىر تەييۈەندە ئېچىلدى.

  يىغىندا، خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان توردا كادىرلار بىلەن ئامما ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش سۇپىسى «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامى «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى»غا ئۆزگەرتىلىپ، مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ رەھبەرلىككە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى ئىقتىدارى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت دائىرىسى ئابۇنتچىلار تۇيغۇسى، تەكشۈرۈش مېخانىزمى، مەزمۇن قۇرۇلۇشى، تارقىتىش قاتارلىق بەش چوڭ قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توردا ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشىنى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  شۇ كۈنى، خەلق تورى مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تور باھالاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، «جايلارنىڭ توردا ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش تىپىك دېلو مىساللىرىنى توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى»نى باشلىدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار «توردىكى ئاممىۋى خىزمەتتە قانداق قىلىپ ئاممىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا خەلق گېزىتخانىسى يېتەكچىلىك قىلدى، خەلق تورى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى. سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى شۈ جېڭجۇڭ، تەييۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو چىڭيۈ، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى ليەن يىمىن، تەييۈەن شەھىرىنىڭ باشلىقى لى شياۋبو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس-ئالىملار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ