مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.09.06 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇش كېرەك. نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ھەم كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم كۈرەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «كۈرەش قىلىش بىر خىل سەنئەت، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى)نىڭ 2019-يىللىق كۈز مەۋسۇملۇق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ بىلەن رېئاللىق تۇتاشقان، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن كۆرۈش نۇقتىسىدىن كەڭ كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەپ، بىزنىڭ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىزنى چوڭقۇر بىلىم نەزەرىيەسى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز بەلگىلىگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جاسارەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، قارىسىغا ھەرىكەت قىلىش بىلەن غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىشىدىكى ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنىڭ مۇھىم يولى. بۇ بىزدىن تۈرلۈك زور كۈرەشلەر داۋامىدا، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم كۈچنىڭ بىردەكلىكىدە، ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم بىلەن تاكتىكىلىق ھۆكۈمنىڭ بىردەكلىكىدە، كۈرەش قىلىش جەريانى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئۇرۇشقا ماھىر كىشىلەر ۋەزىيەتكە ئىنتىلىدۇ. ئومۇمىيەت ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش ئەزەلدىن بىزنىڭ كۈرەش قىلىشتا غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ كەلدى. رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، قىسمەنلىككە قاراش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈم قىلىش ۋە ھەرىكەتنى ھەم تېز، ھەم توغرا قىلىپ، كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، تەدبىر قوللىنىش پۇرسىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، نىشان مەركىزىنى توغرا تېپىپ، بىر زەربە بىلەنلا مەقسەتكە يېتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ