مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىدە ئىككى تەرەپنىڭ باشلامچىلىرى سۆزلەشتى

2019.09.06 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىدىكى جۇڭگو تەرەپ باشلامچىسى ليۇ خې تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى لايتشىزېر، مالىيە مىنىستىرى منۇچىن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى تەرەپ 10-ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتوندا 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ قويۇق ئالاقىنى ساقلىغان ئىدى. خىزمەت قاتلىمىدىن 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەستايىدىل كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىردەك ئورتاق تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، كېڭىشىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك دەپ قارىدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭ شەن، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يى گاڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې قاتارلىقلار سۆزلىشىشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ