مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى

2019.09.06 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 2- چېسلادىن 5- چېسلاغىچە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە شۇ جايدىكى ئاممىغا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  2- چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ميۇنخېندە گېرمانىيە باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى گېرمانىيەگە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك»تىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدا بىرمۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلغانلىقى، ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكى، ئىجتىمائىي كەيپىياتتا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى يەنە گېرمانىيەگە شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىنى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. بۇ قېتىم گېرمانىيە بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، شۇنداقلا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ