مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز تارماق: مەكتەپلەر بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان مائارىپAPPسى ئۈچۈن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

2019.09.06 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى 5- مەيدان ئالتۇن كۈز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماقنىڭ مائارىپ كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەرتىپلىك ۋە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى چۈشەندۈردى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان مائارىپ Appسى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ۋە ئاتا-ئانىلاردىن ھەر قانداق ھەق ئېلىشقا، سودا ئېلانى ۋە ئويۇنىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لېي چاۋزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مائارىپ كۆچمە ئالاقە تورىنى قوللىنىش (قىسقارتىلىپ مائارىپ Appسى دېيىلىدۇ)نى تەرتىپلىك ۋە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتقان، بۇ دۆلەت قاتلىمىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان مائارىپ ApPسىنىڭ سىياسەت ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ.

  لېي چاۋزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپنىڭ كۆچمە تور قوللىنىلىشى تېز تەرەققىي قىلىپ ۋە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىق ئۆگىنىش ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشىنى قاندۇرۇش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن، بەزى مەكتەپلەردە قوللىنىش يامراپ كېتىش، سۇپىنى مونوپول قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بەزى مائارىپ كۆچمە خەۋەرلىرىدە زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىش، ئېلان كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ