مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچى پىكىر تارقاتتى

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش

2019.09.06 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى "2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، مونۇلارنى كۆرسەتتى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىلەرنى جايىدا تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى جايىدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىغا خىلاپلىق قىلىشتەك ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن پاكلاندۇرۇش، ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە دادىل بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش ۋە ئۈلگە بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  پىكىرگە ئاساسەن، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى 2019- يىلى 9- ئايدا باشلىنىپ، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنلار ئاساسلىقى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر، شەھەر-ناھىيە ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزا-بازار، كوچا ۋە كەنت، مەھەللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشمىغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ ۋاكالەت ۋە تارماق ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ