مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى زور بايلىق

تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2019.09.05 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز گۇ جۇڭياڭ

  يادرولۇق مەزمۇن

  تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان ئېلىمىز، ھەتتا دۇنيا بويىچە مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپ، غايەت زور ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا دۇنيا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزە.

  20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەر 508 مىليون مو بولۇپ، پارچە - پارچە قاقاس تاغلار گۈزەل تاغ - دەريالارغا ئايلاندى.

  . . .

  9-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، جياڭشى ئۆلكىسى چۇڭيى ناھىيەسى جيېبا يېزىسى چاڭتەن كەنتىدىكى دېھقان جاڭ جىياۋ ئورغاقنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئورمانلىقىغا كەلدى، شاختىكى جەنۇب ياۋا چىلىنى قويۇق مېۋە بەرگەن بولۇپ، سۇس سېرىق رەڭدە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەنە بىر ئايدىن كېيىن بۇ چىلانلار پىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن يەرگە چۈشىدۇ. مەن جوڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن ياۋا ئوت-چۆپ ۋە شاخ-شۇمبىلارنى ئورۇۋېتىشىم كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن چىلاننى ئۈزۈش قولايلىق بولىدۇ.

  جاڭ جىياۋ بۇ چىلانلىقنى 2006-يىلى بىنا قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ھەر مو يەرگە 200 نەچچە يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، يەنە كۆچەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. بەش يىلدىن كېيىن، بۇ 30 مو كۆلەمدىكى جەنۇب ياۋا چىلىنى مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، نورمال يىللاردا ھەر مو يەردىن 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

  «قاراڭ، بۇ تاغقا، ئىلگىرى ئاشلىق تېرىلاتتى، بىر دۆڭدىن بىر سېۋەتلا ھوسۇل ئالغىلى بولاتتى. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن مېۋىلىك دەرەخ تىكىلدى، يۇرتداشلارمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتى» دېدى جاڭ جىياۋ قولى بىلەن بۈككىدە مېۋىلىك دەرەخكە پۈركەنگەن تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىمىز، ھەتتا دۇنيا بويىچە مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ قالدى، 20 يىلدىن بۇيان غايەت زور ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا دۇنيا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ