مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى

2019.09.05 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياۋ يۈرۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، 27- رايون، جېڭدۇڭ يېڭى رايونىغا بېرىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەھەر مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پەللىسىدىن چىقىش مۇراسىمى، ئوت يىغىش مۇراسىمى مەيدانى ۋە مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ مۇھىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەيپىيات يارىتىش قاتارلىق كاپالەت خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى خۇاڭ چىڭ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يىجۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

  جياۋ يۈرۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «7- فېۋرال» مەيدانى ۋە رۇيىخۇ مەيدانىغا كېلىپ، تەۋەلىك رايون ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائالىيەت تەشكىللەش، بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە مۇھىتنى ئۆستۈرۈش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئارقىدىن ئېچىلغان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىندا، جياۋ يۈرۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەشئەل يەتكۈزۈش مۇراسىمى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ، نۇقسانسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جېڭجوۋنىڭ قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى نامايان قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ