مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تويلىشىشنى ئۆزى ئىدارە قىلىش (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر. يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.04 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  1950-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى جۇڭگو تۈزگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن: «مەجبۇرلايدىغان، ئەرلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارايدىغان فېئوداللىق توي تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ تويلىشىش ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر-ئايال ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئاياللار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت يېڭى دېموكراتىك توي تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، فېئوداللىق تويلىشىش تۈزۈمى ئەرلەر ھوقۇقىنى مەركەز قىلىپ، ئاياللاردىن «ئۈچكە بويسۇنۇش، تۆت ئەخلاق»تىن ئىبارەت فېئوداللىق قائىدە - يوسۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاياللارنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا قويۇپ ئەزدى ھەمدە ئەر-ئاياللارنىڭ تويلىشىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى. تويلىشىشتا ئەركىن بولماسلىق كونا جۇڭگودىكى فېئوداللىق ئاسارەتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، سانسىزلىغان پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تويلىشىش قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى سانسىزلىغان ئېزىلگەن ئاياللارنى ئەركىنلىككە ۋە يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى.

  1952-يىلى 11-ئايدا ۋە 1953-يىلى 2-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يوليورۇق چىقىرىپ، جايلاردىن تويلىشىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كەڭ كۆلەملىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1953-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە تويلىشىش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر بىلەن مەملىكەت بويىچە كەڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. زور تۈركۈمدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاكتىپلار گېزىت، رادىيو، چاتما رەسىم، پرويېكسىيە، كىنو، تىياتىر قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئامما ئارىسىدا تويلىشىش قانۇنىنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلدى، «شياۋئېرخېينىڭ توي قىلىشى»، «كىچىك كۈيئوغۇل»، «ليۇ چياۋئېر» قاتارلىق تىياتىرلار ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ