مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى ۋە لوڭقىسى ئېلان قىلىندى

2019.09.03 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى ۋە لوڭقىسىنى بىز ھەمكارلىشىپ لايىھىلىگەن. 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، جېڭجۇ سىئاس ئىنستىتۇتى سەنئەت لايىھەلەش ئىنستىتۇتىدىكى دوتسېنت تاۋ زۇڭشياۋ، دوتسېنت ۋۇ جىجيەن مۇخبىرغا تەشكىلىي كومىتېتقا ئەۋەتىلگەن ئىككى پارچە لايىھەدە قوللىنىلغان شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتتى.

  مۇكاپات لوڭقىسىدىكى «ئەجدىھا-سۇمۇرغ مەجمۇئەسى» جانلىق ھەم ھەيۋەتلىك قىلىپ ئۇيۇلغان. مۇكاپات لوڭقىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى يىغىن ئىزنىكىنىڭ يادرولۇق شەكلى «ئەجدىھا-سۇمۇرغ»غا ئاساسلانغان بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە. ئەجدىھا-سۇمۇرغ «11»دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر-بىرىگە بېقىنىپ پەرۋاز قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، ئوتتۇرىسىدا قەدىمىي قۇتلۇق بۇلۇت رەسىمى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋام قىلىپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇكاپات لوڭقىسى تەگلىكى ئۈچ دەرىجىلىك پەلەمپەيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەنىسى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» (خەنزۇلار ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ) ئىدىيەسى ۋە قەدەممۇقەدەم يۇقىرى ئۆرلەشتەك گۈزەل تىلەكلىرىنى تىلەپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ