ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا ساياھەت پاراخوتىغا ئوت كىتىپ 34 ئادەم يوقاپ كەتكەن

2019.09.03 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋېنتۇرا ناھىيەسىدە، بىر تەكشۈرگۈچى ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ خىزمەت نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋېنتۇرا ناھىيەسى سانتا كرۇز ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ساياھەت كېمىسىگە شۇ يەر ۋاقتى 2- چېسلا سەھەردە ئوت كەتتى. كالىفورنىيە شىتاتى سان باربارا ناھىيىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى نۆۋەتتە پاراخوتتىكى بەش ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە 34 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ