مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«8-ئايدا جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گەنسۇدا ئېلان قىلىندى

2019.09.03 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8-ئايدا جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ۋە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيايۈگۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، 103 ياخشى كىشى شەرەپ بىلەن بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياخشى كىشىلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خېيلوڭجياڭلىق كەنت ئاھالىسى ۋاڭ رىچياڭمۇ بار بولۇپ، ئۇ كەلكۈندە ئۆزىنىڭ قار تازىلاش ماشىنىسى بىلەن 10 نەچچە قېتىم قاتناپ، قاپسىلىپ قالغان 100دىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزدى؛ يەنە بېيجىڭلىق 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى شى گۇاڭجۇمۇ بار بولۇپ، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن خەير-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئۆمىكى تەشكىللەپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ياردەم بەردى؛ يەنە گەنسۇ ئۆلكىلىك ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى يەن گۈيجېنمۇ بار بولۇپ، ئۇ مائارىپ سېپىدە 34 يىل كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ مائاشى، مۇكاپات پۇلى بىلەن فوند جەمئىيىتى قۇردى ھەمدە مەبلەغ يىغىپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەردى . . . بۇ ياخشى كىشىلەر ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  پائالىيەت مەيدانىدا يەنە ئائىلە ئەخلاق تەۋەررۈكى تەقدىم قىلىش، «ئەخلاق تەشەببۇسنامىسى»نى ئوقۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئېلىپ بېرىلدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ ۋە قوللىرىدىكى كىچىك قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، سەھنىدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئەتراپىدىكى ياخشى كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

  تورغا چىققان تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: توردا ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىپتۇ، قەلبلەر ئويغىتىلىپ، جەمئىيەت تەسىرلەندۈرۈلۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈلۈپ، دەۋر يېڭى ئىستىلى نامايان قىلىنىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ