مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 300 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى

2019.09.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى يېقىندا 2019-يىللىق جۇڭگونىڭ 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكى ۋە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى، جۇڭگو نېفىت ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئالدىنقى 3-لىككە ئۆتۈپ، كىرىش ئۆتكىلى، مۈلۈك كۆلىمى، خەلقئارا ئۆلچەم بەلگىلىمىسىدىكى سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردە يەنە رېكورت ياراتتى.

  سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، تىزىملىككە كىرگەن كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 79 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 11.14 ئېشىپ، داۋاملىق ئىككى خانلىق سان بويىچە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 299 تىرىليون 150 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 9.08 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2 پىرسەنت پوئېنت بولغان؛ ساپ پايدا 3 تىرىليون 532 مىليارد 95 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 10.28 ئاشقان. 100 مىليارد يۈەنلىك كارخانىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. تىزىملىكككە كىرگەن كارخانىلار ئىچىدە تىجارەت كىرىمى كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانىلارنىڭ سانى 194گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى 172دىن يەنە 22سى كۆپەيگەن، ئېشىش سانىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت كىرىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانىلارنىڭ سانى ئالتىگە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ