ئىستېرېئولۇق قاتناش تاغلىق شەھەرنى ئورىدى (70 يىلغا مەدھىيە)

2019.09.03 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھىرى يۈجۇڭ رايونىغا جايلاشقان «ئۈچ قەۋەتلىك يول» تاغ-دەريانىڭ ئارىسىدا بولۇپ، دەريا بويىدىن قارىغاندا دەل ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ئۇ يەردە كۆپلىگەن تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋە خاتىرە سارايلىرى بار، ئۇ چۇڭچىڭ ئىستېرېئولۇق قاتنىشىنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىدا باشلامچى بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز تورلاشتۇرۇپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، تېخىمۇ كۆپ ئىستېرېئولۇق قاتناش شەھەرنىڭ يۈرۈش سىستېمىسىدا بارلىققا كېلىپ، كۆپ خىل قاتناش شەكلىنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ يۈرۈشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىندى.

  سۈرەتتە: چۇڭچىڭ رېلىسلىق قاتناش 2-لىنىيەسى «ئۈچ قەۋەتلىك يول» ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.

  ۋەن جەنجى فوتوسى

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ