مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ساقچىلار 1-چېسلادىكى زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلدى، دېدى

2019.09.02 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ 1-سېنتەبىردىكى شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە شياڭگاڭ تۆمۈريولى بېكىتىدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى توغرىسىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ساقچىلار زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردا قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: سوت مەھكىمىسى بۇرۇنلا چەكلەش بۇيرۇقىنى تەستىقلاپ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئايرودروم ۋە تۆمۈريولنىڭ يۈرۈشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىنى چەكلىگەن. لېكىن، 1-چېسلا نۇرغۇن زوراۋان ئۇنسۇر قانۇننى كۆزگە ئىلماي، ئايرودرومنىڭ يۈرۈشىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلدى ھەمدە يېقىن ئەتراپتا يول توسۇپ ۋە ئوت قويۇپ، ئايرودرومنىڭ قاتنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، زور تۈركۈمدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە تەسىر يەتكۈزدى ھەمدە شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزدى.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: بەزى زوراۋان ئۇنسۇرلار ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى تۆمۈريول رېلىسىغا تاشلاپ، تۆمۈريولنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى، يەنە بەزى زوراۋان ئۇنسۇرلار شياڭگاڭ تۆمۈريول ۋوگزالىغا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇڭيۇڭ تۆمۈريول بېكىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شياڭگاڭنىڭ كۆپلىگەن تۆمۈريول لىنىيەلىرىدە مۇلازىمەت ۋاقتىنچە توختىتىلدى. نامايىش مەزگىلىدە بەزىلەر باشقا شەھەر ئاھالىسىنى قورشىۋالدى ھەمدە ئۇردى، زوراۋان ئۇنسۇرلار دوڭيوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى دۆلەت بايرىقىنى يىرتىپ تاشلىدى ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈردى، دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئاخىرقى چېكىگە ھۇجۇم قىلدى.

  ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زوراۋان ئۇنسۇرلار يولۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىغا پۈتۈنلەي سەل قاراپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولغان ياكى بىگۇناھ كىشىلەر ۋە ئاپپاراتلارغا زورلۇق ئىشلىتىپ تەھدىت سالدى ۋە يامان نىيەتتە ئۆچ ئالدى، قىلمىشى قەبىھ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ساقچىلار زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ