مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لۇشەن تېغى: گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىش (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋرى. تاپشۇرۇقنى قايتا ئەسلەپ، ئۆزگىرىشنى كۆرۈش)

مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېن، دۇڭ سىيۈ، گېڭ لېي، لى جياباۋ

2019.09.02 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  تەھرىر ئىلاۋىسى: خەلقنىڭ داھىيسىنى خەلق سۆيىدۇ، خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتقا رىشتە باغلاپ، پۇقرالارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «خەلقنى مەركەز قىلىش»تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە خەلقكە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  خەلق گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر ___ تاپشۇرۇقنى قايتا ئەسلەپ، ئۆزگىرىشنى كۆرۈش» مەخسۇس ئىستونى ئاچتى. مۇخبىر دىققەتنى ئاساسىي قاتلامغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر، يېزا، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى خەلقنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەينى يىللاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جاي ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەمەلىي تەدبىرلىرى ۋە يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  تاماقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان زال مېھمانلار بىلەن لىققىدە تولۇپ، تاماق توشۇغۇچىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن ناھىيەسى لۇڭمېن قەدىمىي بازىرىدىكى «لى ئېرگې مېھمانخانىسى»دا، خوجايىن لى ليەنچياڭ ھېسابات دەپتىرىنى سېلىشتۇرۇپ بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمۈپ: ئالدىنقى ھەپتە دۇكاننىڭ ساپ پايدىسى يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى! بۇ يىل 200 مىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدۇ. گەرچە ئەينى يىلى ئاپەتكە ئۇچرىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدا سودىمىز يىلدىن-يىلغا ياخشى بولۇپ كەتتى! ـ دېدى، بۇ ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق سىچۈەنلىك يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ.

  لۇڭمېن قەدىمىي بازىرى يائەن لۇشەن ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇپ، ئۈچ كەنتتىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، ئاۋات پەسىلدە ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ سالقىنداپ تاماشا قىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىكتىن نەپكە ئېرىشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. «ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى ئاپەت كۆلەڭگۈسىدىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇپ، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشقا ياردەم قىلىش كېرەك» دېدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى يۇرت-ماكانى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يورۇتتى. بۈگۈنكى لۇشەن تېغى يېڭى كەنتى خۇددى مەنزىرە رەسىمگە ئوخشايدۇ، تاغ-دەريالار سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش كارتىنىسى ئاللىقاچان سىزىلدى.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەدىن كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ