مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2019.09.02 14:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

  پارتىيە 19- نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 10- ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە تەتقىق قىلىنىدۇ. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە سىياسىي مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە بولغان، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولالايدىغان، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە، جەزمەن مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، داۋاملىق جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تۈزۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىدە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»نى مىزان قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى نىزام تۈزۈمىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، تۆۋەن ئورۇندىكى نىزام تۈزۈمىنى يۇقىرى ئورۇندىكى نىزام تۈزۈمى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدە خاراكتېرلىك، تەرتىپ خاراكتېرلىك، كاپالەت خاراكتېرلىك نىزام تۈزۈمىنى ئۆزئارا يانداشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، نىزام - ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغاننىڭ ھەممىسىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق كۆرۈلگەنلىرىنى جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە پارتىيە سىياسىتىنىڭ بىرلىكلىكى ھەم نوپۇزلۇقلۇقىنى قوغداش كېرەك. «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ