خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە ئوردېنى تارقىتىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە ئوردېنىنى تارقىتىش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە ئوردېنى تۆۋەندىكى ئوبيېكىتلار ئىچىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن:
__ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، ھايات پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار؛
__ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىك تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى ھايات كىشىلەر؛
__ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەن ھەربىي قىسىم كوماندىر-جەڭچىلىرى ئىچىدىكى ھايات كىشىلەر (ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛
__ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار.
2919-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ۋاپات بولغان بولسا، بۇ قېتىمقى تارقىتىش دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى