مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق، قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2019.08.30 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزى قىلىدۇ، تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق، قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۈي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھىرى، ھەربىي پارات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ شياۋخۈي مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپە، ئۇلۇغۋار نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەرگە، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ، تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن تەنتەنىلىك پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كەچتە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا پايتەخت دۆلەت بايرىمى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچىدۇ ھەم ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ساليۇت ئويۇنى كۆرىدۇ. خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى قوغداشتا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، ئەخلاق - پەزىلىتى ئالىيجاناب، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان مەشھۇر زاتلارغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو – چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەرگە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، يۈكسەك شۆھرەت قازانغان، ئەخلاق – پەزىلىتى ئالىيجاناب، ئامما ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان مەشھۇر زاتلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»«دوستلۇق ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرەپلىك نامى بېرىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن ئوردېن، مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىدۇ. 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا، خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كاتتا يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. خەلق سارىيىدا چوڭ تىپتىكى مۇزىكا – ئۇسسۇل شەكلىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9 – ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نامىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم ئىشلىنىپ قويۇلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېما قىلىنغان بىر يۈرۈش خاتىرە پۇل ۋە بىر يۈرۈش خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ