مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

70 يىلدا جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى

2019.08.30 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 29- چېسلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2006- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1961- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق تۆھپە نىسبىتى %1.1 بولغان. 1979- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %15.9 بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى. 2013- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %28.1كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى. 2018- يىلى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %27.5 بولۇپ، 1978- يىلىدىكىدىن 24.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ