مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنى يېپىلدى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.08.30 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى، يىغىندا «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش» باش تېما قىلىنىپ كېڭىشىلدى، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ، پارتىيەنىڭ چوڭ پىلانى. مائارىپنى خەلق ئۈچۈن يولغا قويۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇش-پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق مۇساپىسى بېسىپ ئۆتۈلۈپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى «ئوقۇيدىغان مائارىپ بولۇش، ھەممەيلەن ئوقۇيالايدىغان بولۇش» غايىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدىلا، ئاندىن مۇشۇنداق مىسلىسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان سۈپەتلىك مائارىپ ئېھتىياجى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ گەۋدىلەندى، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەزىل يىراق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سوتسىيالىزمنىڭ قۇرقۇغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ۋە رايونلار پەرقىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، ھەر بىر بالىنى تىرىشىپ مەكتەپتە ئوقۇش، ئوقۇشتىن قالماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار تىپلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، «ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلار»نى قاتتىق جازالاش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلە تەدرىجىي ئىلمىي مائارىپ قارىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مائارىپنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىشتە. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، گۇماننى يېشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئاممىنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە تونۇشقا ئىگە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى ماقۇللىنىپ، يولداش خاۋ مىڭجىن مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ خىزمەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، يولداش يەن جۈنچى مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى. يولداش چى جيەننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستېپاسى قوبۇل قىلىندى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو ۋېن تەكلىپكە بىنائەن «دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ