خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي، ئەدەبىيات، تارىخ ئۈچ پەن بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىكى 2019 - يىلى 9 - ئايدا كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، خەينەن ئالتە ئۆلكە (شەھەر)دە ئالدىن ئىشلىتىلىدىكەن. قالغان ئۆلكىلەر يېڭى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى ۋە جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، 2022 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك يېڭى دەرسلىك ئىشلىتىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن خۇيشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تىل - ئەدەبىيات، تارىخ بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىكىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش ئاساسىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ پەن دەرسلىكىنى بىرتۇتاش تۈزدى، ھازىر دۆلەت دەرسلىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.
ئىگىلىنىشچە، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسلىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى»دىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش جەريانىدا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن. تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپ، مول، چوڭقۇر مەنىلىك، كىلاسسىك، دەۋر خاراكتېرى، ۋەكىل خاراكتېرلىك تېمىلار تاللىنىپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇپ، جۇڭخۇانىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسى توپى ئىجادىي لايىھەلىنىپ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تارىخ دەرسلىكىدە دەرس ئۆلچىمى، پەننىڭ يادرولۇق ساپاسى چۆرىدىلىپ ئىستون لايىھەلىنىپ، شەكلى جانلىق، مەزمۇنى مول، بىلىم بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، توغرا قىممەت ھۆكۈمىنى تارىخىي بايان ۋە شەرھلەشكە سىڭدۈرىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ