مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن يېڭىدىن ئالتە ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش ئومۇمىي لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى

2019.08.27 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «جۇڭگو (شەندۇڭ)، (جياڭسۇ)، (گۇاڭشى)، (خېبېي)، (يۈننەن)، (خېيلۇڭجياڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئومۇمىي لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەندۇڭ، جياڭسۇ، گۇاڭشى، خېبېي، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىپ كىرىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «ئومۇمىي لايىھە»دە ھەرقايسىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پەرقلىق بولغان ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەندۇڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى يېڭى - كونا تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ سىجىل ئالمىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈش، دېڭىز - ئوكيان خاس كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئۈچ دۆلەتنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جياڭسۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىيات باشلامچى رايونى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلىنىشىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گۇاڭشى ئەركىن سودا سىناق رايونى غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب، غەربىي شىمال دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى، شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق - دېڭىز سودا يېڭى يولى قۇرۇپ، 21 ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورگانىك جىپىسلاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆزنەك شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەلقئارا چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا ئالدىن سىناق قىلىش ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش ۋە غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق دېڭىز پورتى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. خېبېي ئەركىن سودا سىناق رايونى خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى مۇھىم تۈگۈنى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش بازىسى، يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات باشلامچى رايونى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلقئارا تاۋار سودىسىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش، بىيو دورىگەرلىك ۋە ھاياتلىق ساغلاملىق كەسپىنى ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈننەن ئەركىن سودا سىناق رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن قۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى، ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، چېگرا بويىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. خېيلۇڭجياڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رۇسىيە ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مەركىزىي تۈگۈنىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە رۇسىيە، شەرقىي شىمالىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن قاتناش ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ