مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى

2019.08.27 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا، مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت ئىلىكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج ئاستا سۈرئەتتە ئاشقان، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 136 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 1 تىرىليون 411 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 724 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان.

  بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 34 تىرىليون 470 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي تەننەرخى 33 تىرىليون 252 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان؛ دۆلەت كارخانىلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج 2 تىرىليون 664 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخ خىراجىتى پايدا نىسبىتى %6.5 بولۇپ، بۇلتۇر شۇ مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن.سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك قەرز %64.4 بولۇپ، 0.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ %67.5 بولۇپ، 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن؛ يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ %62.1 بولۇپ، 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ