مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 7 – نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

ۋاڭ يۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2019.08.26 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نىيەتتە ئورتاق ئارزۇغا ئىنتىلىش، بەختلىك جۇڭگو. مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى كەچ تيەنجىن تەنھەرىكەت سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، گوۋۇيۈەن مېيىلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كەچتىكى تيەنجىندە رەڭدار چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئېچىلىش مۇراسىمى شۇ كۈنى كەچ سائەت 8دە باشلاندى. بايراق قوغدىغۇچىلارنىڭ قوغدىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ئايرىم – ئايرىم مەيدانغا كىردى. ئارقىدىن رېپىرلار ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى ۋە 35 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى.

  ۋاڭ يۇڭ مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 7 – نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 7 – نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئوخشاش شەھەردە مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىدۇر. مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قاتارلىق 35 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن 6121 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقىدە 43 چوڭ تۈر تەسىس قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدىن 34ى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدىن توققۇزى بولۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى مۇسابىقىسى ئاساسىدا قىشلىق تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك مۇسابىقە تۈرى تۇنجى قېتىم زور دەرىجىدە كۆپەيتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ