خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ تۆمۈر يول شىركىتى 23- چېسلا كەچتە شياڭگاڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ چەكلەش بۇيرۇقىدا، ھەرقانداق كىشىنىڭ تۆمۈر يول تورىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە قانۇنسىز ۋە مەقسەتلىك ھالدا قەستەن توسقۇنلۇق قىلىشى ياكى كاشىلا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
شياڭگاڭ تۆمۈر يول شىركىتى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا بەزىلەر ۋوگزالنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قوپال سۆزلەر بىلەن شياڭگاڭ تۆمۈر يول خادىملىرىنى ھاقارەتلەپ، خىزمەتچىلەر ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شياڭگاڭ تۆمۈر يول شىركىتى سوت مەھكىمىسىگە ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.
ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىدا، ھەر قانداق كىشىنىڭ تۆمۈر يول تورى ئىچىدىكى ۋوگزال، پويىز ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شىجيۇلۇڭ باش بېكىتىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە قانۇنسىز ۋە مەقسەتلىك ھالدا توسقۇنلۇق قىلىشى ياكى كاشىلا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرقانداق مال-مۈلۈكنى ياكى پويىزنى بۇزغان، ھەرقانداق تەھدىت سېلىش، ھاقارەتلەش، شەھۋانىيلىق ياكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان تىل ئىشلىتىش ياكى ۋوگزالدىكى ھەرقانداق شياڭگاڭ تۆمۈر يول خادىملىرىغا قەستەن كاشىلا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. شياڭگاڭ قانۇنىغا ئاساسەن، چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان شەخس سوتنى كۆزگە ئىلماسلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ جازالىنىشى مۇمكىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ